ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى تەبرىكلەندى

ئەزەربەيجاندا 1918-يىلى 28-ماي ئېلان قىلىنغان جۇمھۇرىيەتنىڭ 101-يىلى تەبرىكلەندى.

ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ پايتەخت باكۇدىكى جۇمھۇرىيەت خاتىرە سارىيى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى. ئەزەربەيجان دۆلەت مارشى ئوقۇلغان مۇراسىمدا، ئەلىيېۋ خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، بۈيۈك بىرىتانىيە، خىتاي، سان مارىنو، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، تۈركمەنىستان، مىسىر، قازاقىستان، ئالجىرىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، كۇبا، بېلگىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، ھىندىستان، ئافغانىستان، ئاۋسترىيە، ئۆزبېكىستان، شىۋېتسىيە، جەنۇبىي كورېيەگە ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەر ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

1918-يىلى 28-ماي گىرۇزىيەنىڭ تىفلىس شەھىرىدە مەھمەت ئەمىن رەسۇلزادە باشچىلىقىدىكى ئەزەربەيجان مىللىي شۇراسى، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. باكۇ ئەرمەن ۋە بولشېۋىك باندىتلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن فەتھالى خان ھوۋسكى باشچىلىقىدا تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى، ھەرىكىتىنى بىر مەزگىللىك گەنجە شەھىرىگە يۆتكەيدۇ.

ئوسمانلى دۆلىتى ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلىدۇ. نۇرى پاشا (كىللىگىل) قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەرمەن ۋە بولشېۋىك تەھدىتلىرىگە قارشى ياردەمگە ئەۋەتىلىدۇ. كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى گۆيچاي، ساليان، ئاغسۇ ۋە كۈردەمىرنى بولشېۋىك ۋە ئەرمەن باندىتلىرىدىن تازىلايدۇ، 1918-يىلى 15-سېنتەبىر باكۇنى قۇتقۇزىدۇ. كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ 130ئەسكىرى باكۇنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا شېھىت بولىدۇ.

شەرقنىڭ تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئەزەربەيجاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ، دىن ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ساھەسىدە ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئۆز پۇلى بېسىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ «ئىستىقلال خىتابنامەسى» دە، ئىرق، دىن، مەزھەپ ۋە جىنسىيەت ئايرىمچىلىقى قىلىنماستىن، بارلىق پۇقرالارغا تەڭ-باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر