تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ 5 - چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا %26.1 ئېشىپ، 730 مىليون 600 مىڭ دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا %26.1 ئېشىپ، 730 مىليون 600 مىڭ دوللارغا يەتتى، تۈركىيە ئۆزبېكىستاننىڭ 5 – چوڭ سودا شېرىكى بولدى.
ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتى بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي تاشقى سودىسىدىكى پېيىنىڭ %5.8 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن كېيىنكى 5 – چوڭ سودا شېرىكى بولدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا %26.1 ئېشىپ، 730 مىليون 600 مىڭ دوللارغا يەتتى؛ بۇ مەزگىلدە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 347 مىليون 100 مىڭ دوللار، تۈركىيەدىن قىلغان ئىمپورتى 383 مىليون 500 مىڭ دوللار بولدى.
2019 – يىلىنىڭ يانۋار – ئاپرېل ئايلىرىدا 2 مىليارد 552 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ۋە %20.3 لىك پاي بىلەن خىتاي، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان بولسا، 1 مىليارد 998 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ۋە %15.9 لىك پاي بىلەن رۇسىيە ئىككىنچى، 1 مىليارد 54 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق تاشقى سودا ۋە %8.4لىك پاي بىلەن قازاقىستان ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى ئكتكەن يىلى %39.9 ئېشىپ، 2 مىليارد 171 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.