چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1194970
چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە «يەر شارى خاراكتېرلىك ژۇرنالىستلار كېڭىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، باشقىلارنىڭ قىبرىس داۋاسىنى توغرا چۈشىنىشى ۋە تونۇشتۇرۇش نۇقتىسىدا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇدا 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنىڭ  سىياسىي باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى يولىدا زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن پىلانلارنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمما تېخىچە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى، چۈنكى رۇم تەرەپنىڭ مەسىلىنى داۋاملىق مۇرەككەپلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم تۈركىيە ھەم قىبرىس تۈرك خەلقى ھەمىشە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش تەرەپدارى بولۇپ كەلدى، ئەمما رۇم تەرەپنىڭ ھېچ نەرسىنى قىبرىس تۈرك خەلقى بىلەن ئورتاقلاشماسلىقتەك پوزىتسىيەسى تۈپەيلى مەسىلە تېخىچە ھەل بولغىنى يوق. ھەتتا رۇم تەرەپ، جەنۋە ۋە گرانس – مونتانادا چاقىرىلغان كونفېرانسلاردا ھەر ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغان مەسىلىلەردىمۇ كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت باشلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق زېمىن ھازىرلاپ بېرىشىگە ئىمكانىيەت يوقتۇر. بىز مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تكتپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما رۇم تەرەپ  ئۇنداق قىلمايۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە بىزگە بېسىم ئىشلىتىلىشى توغرا ئەمەس. دەرۋەقە، رۇم تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغىلا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا قارشىمىز، باشتىن تارتىپلا، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە رۇم تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغىلا بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايان، تۈركىيە كاپالەتچى دۆلەت بوپۇش سۈپىتى بىلەن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ، جۈملىدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رۇخسەت قىلغان ساھەلەردە قىدىرىپ تكشۈرۈش پاراخوتلىرىمىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.»

ئىلگىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بەزى مەسىلىلەردە رۇم تەرەپنىڭ كەينىگە چېكىنىشكە بشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلرىنى يوققا چىقىرىدىغان، سىياسىي باراۋەرلىكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدىغان ۋە ئىرادىسىنى كۆرمەسكە سالىدىغان بىر پىلاننى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسكلا مۇمكىن ئەمەس. ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر