ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپىنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلەندى

ئىراق  تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 24 – يىللىقى كەركۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

1190355
ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپىنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمغا كەركۈك ۋالىيسى راقان سەئىد، ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپىنىڭ باشلىقى ئىرشاد سالىھى، ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى كەركۈك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا يەرلىك مەسئۇللار قاتناشتى.

ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپىنىڭ باشلىقى سالىھى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈركمەن خەلقلەرنىڭ ئەڭ چوڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى. ئىراقنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز، ئىراقتا مەزھەپ خاراكتېرلىك ۋە ئېتنىك ئايرىمچىلىقنى نىشان قىلىدىغان سۇيىقەستلىك پىلانلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق  قىلىمىز. ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، رايون دۇچ كېلىۋاتقان سۇيىقەستلىك پىلانلارنى ئىران، تۈركىيە، ئىراق، سۈرىيە ۋە پارىس قولتۇقى ئەللىرى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن بىتچىت قىلالايدۇ. ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى كەركۈكتە بارلىق تەرەپلەرنى باغرىغا باسىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكگە ئىشىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركمەن، كورد، ئەرەب پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ۋەكىللىرى بىرلىكتە تۈرلۈك قەدەملەرنى تاشلىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر