تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ماي ئېيىدا ئەزەربەيجاندا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

1187863
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بۇ يىل 1-مايدىن 3-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەزەربەيجاندا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

«مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 2019»نامى بېرىلگەن بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجاندا ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ ھەربىي ساھەلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي مانىۋېرغا ئەسكەرلەردىن سىرت ھەربىي ماشىنىلار، توپچى قىسىملار، راكېتامىيوتلار، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلار، شۇنداقلا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر