قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستان بىلەن ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى.

1172546
قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ بىلەن بىشكەكتە ئالا ئارچا پىرېزىدېنتلىق دۆلەت مېھمانسارىيىدا كۆرۈشتى.

ئۆز ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ھەيئەتلەرئارا مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاخباراتچىلارغا ئۇچۇق قىسمىدا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوۋ رۇسىيەنىڭ يېقىن، ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش شۇنداقلا مۇھىم، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

جېنېبېكوۋ: «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىمىزغا ھەر دائىم ئالاھىىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. پۇتىننىڭ خۇسۇسىي ياردىمى سايىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىز كونكېرت ھالدا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەلەرگە يەتتى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستان ئىقتىسادىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جېنبېكوۋ «بۈگۈن ئىمزالىنىدىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ باياشاتلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

پۇتىن ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تەرققىياتىغا ۋە ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن: «قىزغىزىستان ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى يۇقىرى ئۆرلىدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

پۇتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بىز ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتتۇق. بۇ ھەمكارلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قىرغىزىستان ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش ۋە ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكىمىزدۇر. ئۆزئارا شۇنداقلا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇق ھەمدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

پۇتىن جېنبېكوۋ بىلەن ئۇچرىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي ۋە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇق. قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسى قىرغىزىساننىڭ مۇداپىئە قابىلىيىتىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشماقتا. بۇ بازىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئامىلدۇر» دېدى.   

پۇتىننىڭ زىيارىتىدە قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى ئىقتىساد ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن 6 مىليارد دوللارلىق 16 ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم، سېلىنما كېلىشىملىرى ۋە ئەھدىنامىلەر ئىمزالاندى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر