پايتەخت ئاستانانىڭ ئىسمى «نۇرسۇلتان» غا ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى

قازاقىستان پارلامېنتى پايتەخت ئاستانانىڭ ئىسمىنىڭ «نۇرسۇلتان» دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى.

1167443
پايتەخت ئاستانانىڭ ئىسمى «نۇرسۇلتان» غا ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئۇستۇن قانىتى پالاتا بىلەن تۆۋەن قانىتى ئاۋام مەجلىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ ياپتەختكە سابىق پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئىسمىنىڭ قويۇلۇشىغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى. 

پارلامېنت ئەزالىرى پايتەخت ئاستانانىڭ ئىسمىنىڭ «نۇرسۇلتان» دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى.

پىرېزىدېنت توقايېۋ قەسەم ئېچىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئىسمىنىڭ پايتەخت ئاستاناغا قويۇلۇشى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر