تۈركىيەدىن ئاھىسكا تۈركلىرىگە خۇش خەۋەر

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتەلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

1162026
تۈركىيەدىن ئاھىسكا تۈركلىرىگە خۇش خەۋەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ئامېرىكىغا پۇقرا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئاھىسكا تۈركلىرىگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتاليادا «<دۇنيا  ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى> نىڭ ئاقدېڭىز ۋاكالەتخانىسى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ قەيەرگە كەتسە كەتسۇن، كىملىكىنى، ئەنئەنىلىرىنى، ئۆر – ئادەتلىرىنى، تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئەنئەنىلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ مەرد، ساداقەتمەن ۋە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭمۇ ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن، ئۇلارغا قارىتا ياخشى خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇرت – ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىش ھوقۇقى مەسىلىسىدە ياۋروپا كېڭىشى ۋە گىرۇزىيەدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە مۇھىم بىر قانۇننىڭ چىققانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ئاھىسكا رايونىغا قايتقان ئاھىسكا تۈركلىرىگە ئۆي ئېلىنغانلىقىنى، جامە ۋە مەكتەپ قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە ئامېرىكىغا پۇقرا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئاھىسكا تۈركلىرىگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەنى ئاھىسكا تۈركلىرىنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىمىز. تۈركىيە پۇقراسى بولۇشنى خالايدىغانلار توغرۇلۇق <دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى > بىلەن بىرلىكتە مۇھىم  خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر