ۋلادىمىر پۇتىن ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1152836
ۋلادىمىر پۇتىن ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشلارنىڭ تەييارلىقىنى مۇزاكىرىلەشتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋلادىمىز پۇتىننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلغانلىقى ۋە 56تۇغۇلغان يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەردوغاننى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پۇتىن يەنە، تۈركىيە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەردوغاننىڭ خۇسۇسىي تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم ھەسسىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئىككى رەھبەر ئاپرېل ئېيىدا رۇسيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تۈركىيە رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 8نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ھازىرلىق خىزمەتلىرىنىمۇ مۇزاكىرىلەشتى.

تۈركىيە رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 8نۆۋەتلىك يىغىنىغا پۇتىن بىلەن ئەردوغان بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر