قازاقىستاندا ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

قازاقىستاندا ھۆكۈمەت پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1150575
قازاقىستاندا ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئىقتىسادنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، باقىتجان ساگىنتايېۋ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش قارارىنىڭ، قازاقىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئالدىنقى يىللاردا مۇقىم ھالەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەنلىكىنى، لېكىن، نۆۋەتتە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈۈلەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلارغا يېتىش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «پىرېزىدېنت قارارنامىسى» دا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەسقەر مامىننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەنلىكى، ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر