تۈركمەنلەر ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركمەنلەر، كەركۈك ۋىلايەتلىك مەجلىس يىغىنىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1146919
تۈركمەنلەر ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فىرونتى باياناتچىسى ئەلى مەھدى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەتە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ، كەركۈك شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مەجلىسنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، كەركۈك مەسىلىسىنىڭ كەركۈكتە ۋە كەركۈكلىكلەر ئارىسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەجلىستىكى تۈركمەن ئەزالارنىڭ شەھەرنىڭ سىرتىدا چاقىرىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كورد پارتىيەلەرنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر تەرەپلىمە ھالدا چىقارغان كەركۈك توغرىسىدىكى قارارلارنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەھدى، ئوخشاش ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭمۇ ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى ئەلى مەھدى يەنە، باغداد ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت ئىراق ۋاكالەتخانىسىنىڭ كەركۈك مەسىلىسىگە مۇداخىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر