نەزەربايېۋ: قىرىم مەسلىسى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزسۇن

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇر سولتان نەزەربايېۋ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىناغا ئۆزئارا بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىپ، يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1115708
نەزەربايېۋ: قىرىم مەسلىسى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزسۇن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2018يىلىغا ئالاقىدار يەرلىك مەتبۇئات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋرپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشنىش ۋە  ئىشەنچ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كۈچلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ۋە مۇزاكرىلىرىنىڭ ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىشىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىش ئورنىنىڭ چوقۇم ئاستانە بولۇشى زورۇر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، باشقا يەردىمۇ شۇنداق بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نۇر سۇلتان نەزەربايېۋ يەنە، كەرچ بۇغۇزىدىكى كرىزىس ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى كۈتمەسلىككە، بىر - بىرى بىلەن بىۋاستە ئۇلاقە ئۇرنىتىپ، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈستىلىگە قايتىدىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«ھازار دېڭىزىدا ئۈچىنچى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئورۇنلىشىدىغان بولدى» دېگەن خەۋەرلەر ئۈسىتىمۇ توختىلىپ، ھازارنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيتىنىڭ بەلگىلىنىشى جەھەتتە 20 يىلدىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ يىل ئاتتائۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ھازار دېڭىزى دۆلەتلىرى رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئەسكەرتتى.

نەزەربايېۋ كېلىشىمگە «تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازار دېڭىزى ساھىللىرىدىكى 5 دۆلەت (يەنى، رۇسىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئىران) ھازارنىڭ ئەسلىدە ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش دېڭىزى ئىكەنلىكى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق.  ھازارغا ساھىلى تۇتاشمايدىغان ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى ئۇ يەردە تۇرالمايدۇ»

پىرېزىنت نەزەربايېۋ يەنە، كېلىشىم دائىرىسىدە ھازاردا بىخەتەرلىك مەسلىسىگە ئالاقىدار ئالاھىدە بىر كېلىشىمنىڭمۇ ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر