دائېش كەركۈكتىن 19 پۇقرانى تۇتۇپ كەتتى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى بىر يېزا باشلىقىنىمۇ قوشۇپ، جەمئىي 19 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى.

1113269
دائېش كەركۈكتىن 19 پۇقرانى تۇتۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق فېدېراتسىيە ساقچى قىسىملىرى 6- ئەترەپ قوماندانلىقى ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى خۇسەيىن ماجىد كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رەشاد ناھىيەسىگە قاراشلىق مۇبەددەد يېزىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان دائېش ئەزالىرىنىڭ 13 پۇقرانى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.  

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ يېزىدىن يەنە 3 يېزا ئىگىلىكى ماشىنىسىمۇ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ماجىد پۇقرالارنى قەيەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى، بىراق رايوندا كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ماجىد «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى يەنە رەشاد ناھىيەسىگە قاراشلىق دابا ئەل جەدىدە يېزىسى باشلىقى بىلەن ئۇنىڭ بىر دۇستىنىمۇ تۇتۇپ كەتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى يوشۇرۇنغان كامىشلىق رايونىغا ئېلىپ كېتىشكەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتىمىز» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى داكۇك ناھىيەسىگە قاراشلىق بارا بارا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ 4 نەپەر يېزا پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندا يوشۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئاكتىپ ھالغا كېلىشكە باشلىغانلىقى، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭمۇ ئېشىشىغا باشلىغانلىقى شۇڭا پات يېقىندا رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاش پىلانلانغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #دائېش , #كەركۈك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر