ئۆزبېكىستان تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزمەكتە

ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن 1991 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1097261
ئۆزبېكىستان تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 5 كۈن داۋاملىشىدىغان مانېۋىر 4 باسقۇچتىن تەشكىل تاپىدىكەن. ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلىدىغان مانېۋىر ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ تاكتىكا ۋە ئەمەلىي ھەربىي تەييارلىقىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسالام ئازىزوۋ، تاشكەنتكە يېقىن چېرچېك ھەربىي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنى كۆزەتكەن ۋە ھەربىيلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن مىرزىيايېۋ، ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇندىلارغا ھەدىيە تارقىتىپ بەرگەن.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ قوشنا دۆلەتلەرنى مانېۋىردىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر