ئىراقتا تۈركمەن قوماندان سۇيىقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولدى

ئىراقتا تۈركمەن مۇئاۋىن قۇماندان فەلاھ ھەسەن سۇلايمانىيە – كەركۈك قاتناش يولى ئۈستىدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1094520
ئىراقتا تۈركمەن قوماندان سۇيىقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى باشلىقى ئەلى كامال كەركۈكتە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىدا مۇئاۋىن قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فەلاھ ھەسەننىڭ سولايمانىيە كەركۈك قاتناش يولى ئۈستىدىكى «قانى شەيتان» بۇرۇلىشىدا، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەلاھ ھەسەننىڭ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئىچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەلى كامال ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان يەنە بىر كىشىنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى كامال سۇيىقەست قىلغۇچلارنى تۇتۇپ، ۋەقەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇلايمانىيە ۋە كەركۈك ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركمەن قۇمانداننىڭ يېقىنلىرىدىن ماردىن گۆككايا تۈركمەنلەرگە قارىتا يېقىنقى 15 يىلدىن بۇ يان داۋاملىشىۋاتقان ھەر خىل ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ھەسەننىڭ مېيىتى ھەربىيلەر ۋە يېقىن يورۇقلىرىمۇ قاتناشقان مۇراسىم بىلەن يەرلىكىگە قويۇلۇشى ئۈچۈن نەجەفكە ئەۋەتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر