تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

ئەزەربەيجاندا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە 3 دۆلەت ئارمىيە قۇماندانلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

1092459
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى پىشقەدەم گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ ۋە گىرۇزىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ۋلادىمىر چاچىباي قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن مىنىستىر ھەسەنوۋ ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر بىلەن چاچىباي ئورتاق كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركيىە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر سۆز قىلىپ، ھەم رايون خاراكتېرلىك، ھەم يەر شارى خاراكتېرلىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى، يېقىندىن بۇيان رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋمۇ رايوننىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىشقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۈچ قېرىنداش دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە ئىكەنلكىنى بىلدۈردى.

گىرۇزىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ۋلادىمىر چاچىباي بولسا، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ھەربىي مانېۋىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاچىباي، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر