ئۈچ پېرېزىدېنت سارىئاغاچتا غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ سارىئاغاچ شەھىرىدە كۆرۈشتى.

1072695
ئۈچ پېرېزىدېنت سارىئاغاچتا غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
putin-nazarbayev-mirziyoyev1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تۈنۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شەۋكەت مىرزىيايېۋلارنىڭ دۆلەتنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سارىئاغاچ شەھىرىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىسانىي تېمىلار بويىچە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، 3 پىرېزىدېنتنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار دائىرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرلىرى، رايون ۋە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر