قىرىمدا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 18 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيە تېخى يېقىندىلا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 18 ئوقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 47 كىشى يارىدار بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىرىمدا بىر ئوتتۇرا تېخنىكومدا پارتلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەرلىك مەسئۇللار ھۇجۇمدا 47 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشتا پارچە تەسىرلىك بومبا ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يەرلىك مەسئۇللار ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قىرىمغا قاراشلىق كەرچ شەھىرىدىن ۋىلادىسلاۋ روسلىياكوۋ ئىسىملىق 18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋەقەگە جىنايەت دەپ باھا بەردى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى خەلق بىلەن ھەمبەھىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كرېملىن باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن دەسلەپكى باياناتتا، پارتلاشنىڭ گاز قاپسىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
قىرىمدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.