قازاقىستاننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 87 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتتى
قازاقىستان دۆلەت بانكىسى، قازاقىستاننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 87 مىليادر 300 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 56 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ بولسا، ئاۋغۇست ئېيىدىكى ھېساب بويىچە 87 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئاۋغۇست ئېيىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ %0.2 بولغانلىقى، يىل بېشىدىن بۇيان %2.9 ئەتراپىدا بولغانلىقى، يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ بولسا، %6 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ۋە بۇ نىسبەتنىڭ قازاقىستان دۆلەت بانكىسى بەلگىلىگەن كەلگۈسى نىشان دائىرىسىدە (يەنى، %5 تىن %7 كىچە بولغان دائىرە ئىچىدە) تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.