ئەزەربەيجان ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 20 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى.

1051082
ئەزەربەيجان ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەستىقلىغان پىلان بويىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋنىڭ قوماندانلىقىدا، ئارمىيەنىڭ ئوخشىمىغان قوماندانلىق مەركەزلىرىگە قاراشلىق قىسىملار مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن. ئوخشىمىغان رايونلاردا 20 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان مانېۋىردا، دۈشمەن ئارمىيەسىگە تەقلىد قىلىنغان نۇقتىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن ۋە يېڭى قوراللار سىناق قىلىنىدىكەن.

مانېۋىرغا 200 دىن ئارتۇق تانكا ۋە ئېغىر تىپلىق ھەربىي ئاپتوموبىللار، 120 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ سىستېمىسى، تەخمىنەن 30 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ 22-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر