قازاق ھاكىمىيەت مودېلى

تۈرك دۇنياسىدا «قازاق ھاكىمىيەت مودېلى» ۋە نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ.

1041311
قازاق ھاكىمىيەت مودېلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋروئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، «قازاق ھاكىمىيەت مودېلى» نى روياپقا چىقارغان نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قازاقىستان قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن 1991 – يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 1991 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە پەقەت قازاقىستاننىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. دەرۋەقە، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە «تىنچلىقپەرۋەر  دۆلەت ئەربابى» سۈپىتىدە تونۇلۇپ ھەم خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 1940 – يىلى ئالمۇتا يېقىنلىرىدىكى چېمولگاندا مۆتىۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. سوغۇق ئۇرۇش يىللىرى باشلانغان چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مېتاللورگىيە بۆلۈمىدە ئوقۇدى. 1962 – يىلى قاراگاندى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېتاللورگىيە بۆلۈمىنى ئىنژېنېر سۈپىتىدە پۈتتۈردى. 1984 – يىلغىچە ئۆتىگەن مۇھىم بىيۇروكراتىيەلىك ۋەزىپىلىرىدە ئىشچىلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى، ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، ئىشچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، مەركەزگە مۇھىم پىكىر – تەكلىپلەرنى سۇندى.

1991 – يىلى 1- دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا يېگانە پىرېزىدېنت نامزاتى سۈپىتىدە قاتناشقان نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 21 – دېكابىر كۈنى ئۈلمۇتادا قازاقىستانغا مۇستەقىللىق قازاندۇرغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى. 1991 – يىلدىن كېيىن 1999 -، 2005 -، 2011 ۋە 2015 – يىللىرىمۇ پىرېزىدېنت نامزاتى بولدى ھەمدە بۇ سايلاملاردا خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلدى. 1997 – يىلى پايتەختنى ئالمۇتادىن ئاستاناغا يۆتكىدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيە، تۈرك دۇنياسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بىر يۆنىلىشلىك سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، ھەر بىر دۆلەتكە قارىتا تەڭپۇڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. كۆپ يۆنىلىشكىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇ كۆپ يۆنىلىشلىك سىياسىتى سەۋەبىدىن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىدە «ياراشتۇرغۇچى رەھبەر» دەپ قارالماقتا.

ھەممىگە مەلۇمكى، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئاستانادا چاقىرىلغان يىغىنلارغىمۇ ساھىبخانىلىق قىلدى. قازاقىستاننىڭ مۇزاكىرىلەرگە ساھىبخانىلىق قىلىشى سۈرىيەنىڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىدىن بىرى بولغان تۈركمەنلەرنىڭمۇ ئاستانا مۇزاكىرىلىرگە قاتنىشىشى ھەم ئىجابىي قارىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

قازاقىستانغا تۈرك دۇنياسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار مۇھىم پىكىر – تەپەككۇرلارغا ئىگە بولغان نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا ئوخشىغان بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى، تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىقنى ئورنىتىشقا ئالاقىدار مۇھىم پىكىر – تەپەككۇرلىرى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە ئەزا بولغان تۈرك كېڭىشى ئۈچۈنمۇ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا قازاقىستان بىلەن تۈركىيە قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك كېڭىشىنىڭ كۈچىنى تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇشى بىلەن تېخىمۇ زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، تۈرك دۇنياسى ئۆز ئىچىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتالىسا، بۇنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ ئىجابىي تەسىرى كۆرسىتىشى مۇقەررەردۇر. نۆۋەتتە فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە فىرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغىنىدەك، كەلگۈسى يىللاردا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈرك كېڭىشى ئەزاسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش تەلىپى تۈرك دۇنياسى تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلۇشى مۇمكىن.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى، ھەمدە ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولدى.

نەزەربايېۋنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ئەنقەرەدە تۇنجى رەسمىي مېھمان بولۇشى تولىمۇ مەنىلىك ئىدى. نەزەربايېۋنىڭ «تۈركىيەگە دۈشمەن بولغان بىزگىمۇ دۈشمەندۇر» تەرىقىسىدىكى باياناتى ھەقىقىي قېرىنداشلىقنىڭ ئىشارىتى ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارلىق باياناتلىرىدا نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاقساقىلى» دەپ تەرىپلىمەكتە.

بۇنى نەزەربايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەردوغاننىڭ مۇنۇ باياناتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: «پىرېزىدېنت نەزەربايېۋ ئالىيلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاقساقىلى ھېسابلىنىدۇ. نەزەربايېۋ ئالىيلىرى يولغا قويۇۋاتقان ئەقىل پاراسەتلىك ۋە تەڭپۇڭ سىياسىتى سايىسىدا قازاقىستان نۆۋەتتە رايون ھەم دۇنيا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغان مۇھىم بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى. ئورتاق تىل، ئورتاق تارىخ، ئورتاق مەدەنىيەتنى ئورتاقلىشىدىغان قېرىنداش دۆلەت قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىنلا سىياسىي مۇقىملىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.»

2016 – يىلى قازاقىستانغا قىلغان زىيارەتلىرىمدە قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەم تەرەققىياتلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ نۇقتىدا، نەزەربايېۋنىڭ زامانىمىزنى ۋە زاماننىڭ روھىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغان تالانتلىق رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ سىلاۋيان يېزىقىنى ئاساس قىلغان كىرىل ھەرپىنى لاتىن ھەرپىگە ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2025 – يىلغىچە بارلىق كىتابلار، قەرەللىك ژۇرناللار ۋە رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ كىرىل ھەرپىدىن لاتىن ھەرپىگە ئۆزگەرتىلىشكە باشلىنىشى لازىملىقى توغرۇلۇق قارار چىقاردى. بۇ قارار تۈرك دۇنياسىدا تىل ۋە يېزىق بىرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھەم ئىستىراتېگىيەلىك بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ نۇقتىئىينەزىرى ۋە ئىستىراتېگىيەسىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن «قازاق ھاكىمىيەت مودېلى» تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى مىراسىدىن ئۇزۇنلانماقتا ھەمدە «مۇقىملىق» ۋە «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» تا كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.

يىغىپ ئېيتقاندا، قازاقىستان 2018 – يىلى بىلەن بىرلىكتە تارىخىي بىر دەۋرگە  قەدەم تاشلىماقتا. قازاقىستاننىڭ نىشانى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 30 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتۇر. ئىشىنىمەنكى، قازاقىستان نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رەھبەرلىكىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

نۆۋەتتە، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشىغان رەھبەرلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھەم ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ھەم تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر