ئىراق تۈركمەنلىرى ھەرقانداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىراق تۈركمەن فىرونتى ئەربىل پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن مارۇف، تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى مۇقىملىقنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭمۇ ئىقتىسادىي مۇقىملىقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنى تولۇق قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1032218
ئىراق تۈركمەنلىرى ھەرقانداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فىرونتى ئەربىل پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن مارۇف ئامېرىكا تەرىپىدىن تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان بېسىملارنىڭ تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەگە قارشى بۇ بېسىملارنىڭ كۆپ تەسىرى بولمايدۇ. بۇلار قىسغىنە ۋاقىتلىق ئىشلار. تۈركىيە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆتمۈشتىمۇ ئوسمانلى دۆلىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە قارشى بىر تۈركۈم بېسىملار ئىشلىتىلگەن ئىدى. بىراق تۈركىيە غەلىبىلىك بىر شەكىلدە ئۇتۇپ چىقتى. تۈركىيە بۇ قېتىمقى بېسىملارنىمۇ يېڭەلەيدۇ» دېدى.

ئايدىن مارۇف تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ بەزى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئىما قىلغان ھالدا: «ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ نىشانى سىياسىي بېسىم شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئېمبارگو ئەمەس، بەلكى سىياسىي بىر بېسىمدۇر، لېكىن ئامېرىكا ھەرگىز ئۇتالمايدۇ» دېدى.

ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئۇرۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئامېرىكا تەرىپىدىن تۈركىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولار ۋە بېسىملار بارلىق تەرەپلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا شەرقتە ئەڭ مۇھىم بىر دۆلەت. ھەر دائىم ئوتتۇرا شەرقتىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئىنسانلارنىڭ ۋە خەلقلەرنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدى» دېدى.

ئايدىن مارۇف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى رولىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «تۈركىيە پەقەتلا بىزلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ئوتتۇرا شەرق ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىمۇ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، دېگەنلىك بولىدۇ. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۈچىدۇر. تۈركىيە كاتتا بىر دۆلەتتۇر» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر