تۈركىيە ئۆزبېكىستان ئارمىيەسىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تەربىيەلەيدىغان بولدى

تۈركىيەنىڭ ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇتەخەسسىلەر ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتىگە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەمەلىي مەشق دەرسلىرى بېرىدىغان بولدى.

1027278
تۈركىيە ئۆزبېكىستان ئارمىيەسىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تەربىيەلەيدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى «TİKA» نىڭ قوللۇشى بىلەن جىززاك ئەتراپىدىكى فارىس ھەربىي ئېتىش مەشقى مەركىزىدە باشلانغان ئەمەلىي مەشىق تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتى مەسئۇلى شۆھرەت غەنىيېۋ سۆز قىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ دائىرىدە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىىسدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 

 شۆھرەت غەنىيېۋ مەزكۇر ئەمەلىي مەشىق تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كونكېرت ئۈلگىسى بولغانلىقىنى، بۇ تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا شۇنداقلا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسى مەسئۇلى پولكاۋنىك مۇستافا بالئوغلۇمۇ سۆزىدە، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تېخىمۇ بەك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى «TİKA»نىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق پىروگرامما مۇدىرى ئەلى ئىھسان چاغلار بولسا، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ھەسسە قوشالىغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەلى ئىھسان چاغلار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا توقۇنۇشلارنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ خىل ئەمەلىي مەشق تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

مىڭ بېشى ئۇغۇر ئارسلان بولسا، 2 ھەپتە بويىچە ئاتا يۇرت ئۆزبېكىستاندا كەسپداشلىرى بىلەن تېررورلۇق ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلارغا قارشى كۈرەش ئەمەلىي مەشق تەربىيە پىروگراممىسى دائىرىسىدە مەلۇمات ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەدىن 6 ھەربىي مۇتەخەسسىس قاتناشقان ئەمەلىي مەشق تەربىيە پىروگراممىسى 17ئاۋغۇستتا ئاخىرىلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر