قازاقىستاندا «ئىستانبۇل كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
قازقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستانبۇل كېچىسى» پائالىيىتى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈرك مېھماخانا مۇدىرى ۋە قازىقىستاندىكى دىپلوماتىك خادىملار كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە چەت ئەللىك باش ئەلچىلەر بىلەن نۇرغۇن ساندا مېھمانلار قاتناشتى.
«ئىستانبۇل كېچىسى» پائالىيىتىدە، دۆنەر (قاقلاپ پۈشۈرۈلىدىغان كاۋاب)، گۆش نان، ياپراق مانتىسى قاتارلىق ئاساسلىق تۈرك يېمەكلىرىدىن باشقا يەنە، خام كۆكتات ۋە تاتلىق تۈرۈملەرمۇ سۇنۇلدى. تۈرك ناخشا - مۇزىلىرى ئاڭلىتىلدى.
پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇغۇچى تانسەل تەرجان بۇ پائالىيەتنىڭ ھەر ئايدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىستانبۇل كىچىسى پائالىيىتى بىزمىڭ كىملىكىمىزگە ئايلانغۇسى، ئۆزگىچە تۈركىيە تاماقلىرىدىن تەشكىل تاپقان سۈپەتلىك خىزمىتىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.
تانسەل تەرجان قازاقىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر جەھەتتىن تولىمۇ چوڭقۇر گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەمدىلىكتە تۈركىيە ئاشخانىلىرىنىڭ لەززەتلىرى ۋە تائاملىرى دۇنيادا ماركىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ھەممىلا كىشى تەرىپىدىن يېيىلىپ، ياخشى كۆرۈلمەكتە. تاماقلىرىمىز كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشمەكتە. تۈرك يېمەكلىكلىرى ھەممىلا كىشى تەرىپىدىن سۆيىلىدىغان تاماق تۈرىدۇر. شۇڭا مۇشۇ خىل تاماق تونۇتۇش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنى مۇناسىپ كۆردوق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.