تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.

1016097
تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ 44 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇراسىملارنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، پايتەخت لەفكوشادا ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى.

ھۆرمەتتە تۇرۇلغان ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەسلى ئادرېسى لەفكوشادىكى دوكتور فازىل كۈچۈك كوچىسى ئىدى.

پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجىنىڭ خەلققە سالام بېرىشى بىلەن باشلاندى.

مۇراسىملارغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى لەۋەنت گۆك ۋە بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزاسى قاتناشماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، بارباروس ئەترىتى چاناققەلئە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە «نەيزە» ناملىق توپچى پاراخوتىمۇ گىرنەدە خەلقنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلدى.

مۇراسىملار دائىرىسىدە تۈرك چولپانلىرىمۇ گىرنە ئاسمانلىرىدا ماھارەت كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 44 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلەشتى.

مۇراسىملار كەچ تەرەپلەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان زىياپەت ئارقىلىق ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر