تۈركىستاندىكى 4 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېت ياشلىرى يازلىق مەكتىپى ئاخىرىلاشتى

قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «4 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېسىتېت ياشلىرى يازلىق مەكتىپى» تۈرك دۇنياسى ياشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

1013763
تۈركىستاندىكى 4 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېت ياشلىرى يازلىق مەكتىپى ئاخىرىلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن 388 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «4نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېسىتېت ياشلىرى يازلىق مەكتىپى» ئاخىرىلاشتى.

خوجا ئەھمەد يەسەۋى خەلقئارا تۈرك - قازاق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا 18ئىيۇندىن 15ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق مەكتەپكە تۈركىيەنىڭ 50 ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 208 ئوقۇغۇچى، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاندىن 180 ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئي 388 ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

يازلىق مەكتەپ بىر ئاي دۋاملاشقان بولۇپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈركچە كۇرسلارغا قاتناشتى. تۈركىيەدىن بارغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، قازاقچە ۋە رۇسچە ئۆگەندى.

تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان شەھەرلىرىدە سەيلە ساياھەت پىروگراممىلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئوقۇغۇچىلار يازلىق مەكتەپ دائىرىسىدە يەنە، مۇزىكا، تەنتەربىيە، كونفېراس ۋە باشقا كۈلتۈر پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشتى.

تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېت ياشلىرى يازلىق مەكتەپلىرى، خوجا ئەھمەد يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2015يىلىدىن بۇيان ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر