تۈركىستان يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان بولدى
جانسەيىت تۈيمەبايېۋ تۈرك دۇنياسنىڭ مەنىۋىي پايتەختى بولغان تۈركىستاننىڭ يېڭىدىن شەكىللەندۈرىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى ۋالىيسى جانسەيىت تۈيمەبايېۋ، پىرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەرەزبايېۋ تەرىپىدىن ئۆلكە مەركىزى ئېلان قىلىنغان ۋە 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە تۈركىستان شەھىرىنىڭ يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىكى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن جانسەيىت تۈيمەبايېۋ، تۈركسىتان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي قازاقىستان ئۆلكىسىنىڭ تۈركسىتان ئۆلكىسى بولۇپ ئۆزگەرتىلىشىنى ۋە ئۆلكە مەركىزىنىڭ تۈركىستان شەھىرىگە يۆتكىلىشىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
تۈركىستان ئۆلكىسى ۋالىيسى جانسەيىت تۈيمەبايېۋ قازاق خانلىقىنىڭ مەركىزى ۋە تۈرك دۇنياسنىڭ مەنىۋىي پايتەختى بولغان تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ يېڭىدىن شەكىللەندۈرىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى.
تۈركىستان شەھىرىگە ئۆلكە سالاھىيىتى بېرىش قارارىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئىجابىي قەدەم تارىخىي بايلىقىلىرىمىزنىڭ جانلىنىشىنى، رايوننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ شەھەر يېڭى بىر تۈسكە كېرىدۇ» دېدى.
تۈيمەبايېۋ پىرېزىدېنت نەزەربايېۋنىڭ تۈركىستان رايونىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، 1991 – يىلى پىرېزىدېنتنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇشى بىلەن تۈركىستاندا، تۈركىيە – قازاقىستان خەلقئارا خوجا ئەھمەد يەسىۋىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.