يىپەك يولى قىرغىزىستان ئۇتۇق قازانغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار جەمئىيىتى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى ۋە يىپەك يولى ژۇرنىلى بىشكەكتە بىرلەشمە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار جەمئىيىتى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى ۋە يىپەك يولى ژۇرنىلى تەرىپىدىن بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات ۋە رەپىقىسى ۋاسىلىكى فىرات، تۈركمەنىستاننىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شادۇردى مەرەدوۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرغىزىستان ۋەكىلى ئاتىنچ كەسكىن، قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى ئالىياربېك ئابجالىيېۋ، تۈركىيە ئەلچىخانىسى مائارىپ ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى رەجەپ سۇلا، مەدەنىيەت ۋە تونۇتۇش خىزمەتلىرى مەسلىھەتچىسى نۇرى شىمشەكلەر ۋە چىنگىز ئايتماتوۋ خەلقئارا ۋەقپى باشلىقى ئەلدار ئايتماتوۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
يىپەك يولى ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى ۋە يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەيفۇللاھ تۈركسوي سۆز قىلىپ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ چىنگىز ئايتماتوۋ تەۋەللۇتىنىڭ 90 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «چىنگىز ئايتماتوۋ تۈرك دۇنياسىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك بايلىقىدۇر. غۇرىرىمىزدۇر ۋە ئىپتىخارىدۇر. ئۇ ھەر دائىم تۈركىيە - قىرغىزىستان قېرىنداشلىقى ۋە دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بەرگەن بىر ئىنسان ئىدى. بىز بىر مەنىدە ئۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئادا قىلغان بولىمىز. روھى شات، ماكانى جەننەت بولسۇن» دېدى.
ھەر خىل ساھەلەر بويىچە مۇكاپاتلار تارقىتىلغان مۇراسىمدا، «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇكاپاتى» تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت ئاۋاز قانىلى كوردىناتورى سەدات ساغىرقاياغا بېرىلدى.
خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى 2018 – يىلىنى ئايتماتوۋ يىلى ئېلان قىلغانىدى.