ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100-يىللىقى تەبرىكلەندى

ئەزەربەيجاندا 1918-يىلى 28-ماي ئېلان قىلىنغان تۇنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ 100-يىللىقى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.

980392
ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100-يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى جۇمھۇرىيەت خاتىرە سارىيى ئالدىدا 1918-يىلى 28-ماي قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ 100-يىللىقى تەبرىكلەندى. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ ئەزەربەيجان مىللىي مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىلھام ئەلىيېۋگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئۆزبېكستان، ئىتالىيە، فىنلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە، شىۋيتسارىيە، شىۋېتسىيە، سۇدان، ماراكەش، گىرېتسىيە، كۇبا، ۋېنگرىيە، گىرۇزىيە، ئىسپانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىراق، خىتاي، رۇسىيە، رۇمېنىيە، قازاقىستان، لىتۋانىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، قىرغىزىستان، مىسىر، تاجىكستان، ئۇكرائىنا، تۈركمەنىستان، بېلگىيە، ھىندىستان، نورۋېگىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋان، ئىران، كىرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

1918-يىلى 28-ماي گىرۇزىيەنىڭ تىبلىس شەھىرىدە مەھمەت ئەمىن رەسۇلزادە باشچىلىقىدىكى ئەزەربەيجان مىللىي شۇراسى، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. باكۇ ئەرمەن ۋە بولشېۋىك باندىتلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن فەتھالى خان ھوۋسكى باشچىلىقىدا تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى، ھەرىكىتىنى بىر مەزگىللىك گەنجە شەھىرىگە يۆتكەيدۇ.

ئوسمانلى دۆلىتى ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلىدۇ. نۇرى پاشا (كىللىگىل) قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەرمەن ۋە بولشېۋىك تەھدىتلىرىگە قارشى ياردەمگە ئەۋەتىلىدۇ. كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى گۆۋچاي، ساليان، ئاغسۇ ۋە كۈردەمىرنى بولشېۋىك ۋە ئەرمەن باندىتلىرىدىن تازىلايدۇ، 1918-يىلى 15-سېنتەبىر باكۇنى قۇتقۇزىدۇ. كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ 130ئەسكىرى باكۇنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا شېھىت بولىدۇ.

شەرقنىڭ تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئەزەربەيجاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ، دىن ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ساھەسىدە ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئۆز پۇلى بېسىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ "ئىستىقلال خىتابنامەسى" دە، ئىرق، دىن، مەزھەپ ۋە جىنسىيەت ئايرىمچىلىقى قىلىنماستىن، بارلىق پۇقرالارغا تەڭ-باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر