تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيەسى

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى.

976634
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ئۆزئارا ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىدا قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە ئاممىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىدىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ھەم بۇ جەھەتتىن كەم بولسا زادى بولمايدىغان زۆرۈرىيەتلەردىن بىرىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پىكىر – تەپەككۇرلار، تەسەۋۋۇرلار، چۈشەنچىلەر، دۇنيا قاراشلىرى، ياشاش تەرزلىرى، ئېستېتىك سەزگۈرلۈك، زوقلىنىش قىممىتى ۋە تەمىنى تېتىش ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنى توغرا تونۇشتۇرۇش ھەم قارشى تەرەپنىمۇ توغرا تونۇش ئۇسۇلىدۇر. ئىككى مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ھەم تۈركىيەنىڭ ئۆزگىرىشىدە ھەم دۇنيادا تۈركىيەگە بولغان قاراشلارنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقان قۇتۇبلارنىڭ بىر - بىرىگە قارشى تۇرىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالدى ۋە تەشۋىقات مەقسىتىدە ئىشلىتىلدى. «دەھشەت تەڭپۇڭلۇقى» ئۈستىگە قۇرۇلغان سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە  يادرو ئۇرۇش خەۋپى ئىدېئولوگىيە بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئالدىنقى سەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. شەرقىي لاگېرنىڭ يېمىرىلىشى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىمۇ غەربنىڭ تەسىرى كۈچلۈك مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

دىپلوماتىيە ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىشىدە سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ تېز داۋاملاشقان يەر شارىلىشىش دولقۇنى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. نۆۋەتتە «دىپلوماتىيە» دېيىلگەن ھامان، ھەممە ئۇنى «بولۇپمۇ كۆڭۈللەرنى ۋە چۈشەنچىلەرنى قازىنىشقا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى» دەپ چۈشىنىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن تەڭ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى يېپيېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. تۈركىيەنىڭ؛ تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرى جەھەتتىن يىمىرىلمەس ئورتاقلىققا ئىگە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقى كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئاساسلىق سىياسىتىنى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا ئىگە، ئۆزئارا ۋە قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ۋە دىپلوماتىك قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئاساسلىنىدىغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللاش ھەم ياردەم بېرىش، تەرىقىسىدە خۇلاسىلەش مۇمكىن.

تۈركىيە بۇ سىياسىتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمراھىغا ئايلاندى. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە 1992 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيە باشچىلىقىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى» نىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 2009 – يىلى قۇرۇلغان «تۈرك كېڭىشى» بولدى.

تۈركىيەنىڭ  رايونغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى بولسا ئاساسلىقى مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەرەققىيات ياردەملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ھەقتە تاشلانغان تۇنجى قەدەملەرنىڭ بىرى، تۈرك مەدەنىيەت – سەنئىتى، تىلى، تارىخىي مراسلىرىنى قوغداش، بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ۋە ياش ئەۋلادلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە 1993 – يىلى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتىغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن سىرت يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 6 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بىلەن مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتى بىلەن ئەزادۇر.

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى جەھەتتىن ئۈلگىلىك بىر تەشكىلاتتۇر.

رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، مائارىپ پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، 1992 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «كەڭ دائىرىلىك ئوقۇغۇچىلار لايىھەسى» ئارقىلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىغا ساھىبخانىلىق قىلدى.

 نۆۋەتتە «تۈركىيەدە ئوقۇش ياردەم پۇلى» نامى ئاستىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىسى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

بۇ پىروگراممىدىن ئورۇن ئالغان «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىسى» دائىرىسىدە ھەر يىلى ئونلارچە يېڭى ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك تىلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر، تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ئورگانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مەركىزى بولغان ئاستانادا داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھالدا، قىرغىزىستاندا 4، تۈركمەنىستاندا 4، ئۆزبېكىستاندا بىر، قازاقىستاندا بىر مائارىپ ئورگىنى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى 1997 – 1998 – يىللىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىشكەكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۇنجى ئورتاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قازاقىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قورۇلىرىدا ئېلىپ بارماقتا.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش تىلى تۈركچە ۋە قازاقچە بولۇپ، بۇ تىللاردىن باشقا يەنە، ئىنگىلىز ۋە رۇس تىللىرىمۇ ئوقۇتۇلماقتا.

ئاكادېمىكلىرىنىڭ سانى 880 گە يېتىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتتا، ئىقتىساد، تارىخ، پېداگوگىكا، تۈركولوگىيە، چەت ئەل تىلى، قانۇنشۇناسلىق، مېدىتسىنا، تەبىئىي پەنلەر، تەنتەربىيە، سەنئەت، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتلىرى باردۇر.

تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىدە رايونغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باش ئىدارىسىغا قاراشلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدۇر.

2009 – يىلى 21 – مارتتىن بۇيان تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ساداسى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتقان «‹ TRT Avaz › تېلېۋىزىيە قانىلى»، تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جەھەتتىن رايونغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم سېلىنمىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قانال، قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبېكچە ۋە تۈركمەنچىدىن سىرت يەنە، ئەزەربەيجان تۈركچىسى ۋە بوشناق تىللىرىدىمۇ تارقىتىش بېرىدۇ.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ رۇس تىلىدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرى بولسا، تۈركىيەنىڭ ساداسىنى رايونغا يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر قانال بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

2005 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە شۇندىن بۇيان بۇ پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدە؛ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىغا ئوخشىغان ئورۇنلاردىن سىرت يەنە، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان ئورگانلاردۇر. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

تۈركىيە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇنىڭدا، مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى قاتارلىق ئامىللار مۇھىم رول ئوينىماقتا.

نۆۋەتتە تۈركىيە پاسپورتىغا ئىگە بولۇش، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، نوپۇز ۋە شان - شەرەپ مەنبەسىگە ئىگە بولۇش دەپ قارالماقتا. تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزىگە ھەم دۆلىتىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسېرى جانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر