ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەردوغاننىڭ زىيارىتى توغرىىسدا قىسقا فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلىنىپ بىر قىسقا فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى.

963312
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەردوغاننىڭ زىيارىتى توغرىىسدا قىسقا فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان قىسقا فىلىم، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پارلامېنتىدا ئوقۇغان ئۆزبېك شائىر ئەركىن ۋاھىدوۋنىڭ «ئۆزبېكىم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئايروپىلانى تاشكەنت ئايرودۇرۇمىغا قونغان ۋاقىتتىن تارتىپ، تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ كۈتۈۋېلىنىشىغىچە بولغان بارلىق جەريانلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىشلىتىلگەن 3 مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «بارلىق ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

تاشكەنتتىكى رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا دائىر كۆرۈنۈشلەردىن سىرت، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ «ئاتا يۇرتۇڭلار ئۆزبېكىستاننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ سىلەرگە ئوخشاش يېقىن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەردائىم ئوچۇق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن. بىردىنبىر نىيىتىمىز، بىر – بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشى» دېگەن سۆزلىرىمۇ قىسقا فىلىمدىن ئورۇن ئالدى.

فىلىمدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارلامېنتتا تىلغا ئالغان، ئۆزبېك پارلامېنت ئەزالىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىشلىغان «قېرىنداشلىق ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىدۇر. 1996 – يىلى ئىمزالانغان ئەبەدىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ھازىرقى كۈندىمۇ ئەھمىيىتىنى، مەزمۇنىنى ساقلاپ كەلمەكتە. قىممەتلىك قېرىندىشىم پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتلىرىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەمەلدە بىرلىك روھى بىلەن خىزمەت قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

فىلىم، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ ئۆزبېكىستان – تۈركىيە ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا تىلغا ئالغان «تۈركىيە بىزنىڭ  ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز. بىزنىڭ شېرىكچىلىكىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش تەرەپدارىمىز. بۇ يەر بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ ۋەتىنى، بىز ئەمدى بىرلىشىشىمىز كېرەك. بىر مەزگىل ئارىمىزدا ئىشەنچسىزلىك ۋە سوغۇقچىلىق دەۋرى بولدى. لېكىن، ئىككىمىز بىر بولۇپ، بۇ مۇزلارنى ئېرىتتۇق ۋە بۇ مۇز بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋنىڭ ئۆزئارا قۇچاقلاشقان كۆرۈنۈشلىرى ئىشلىتىلگەن فىلىم، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئورتاقلىشىلغان تېمىلىرى قاتارىغا كىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر