ئەزىز سانجار: ئۆزۈمنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەكىلىدەكلا ھېس قىلىمەن

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىز سانجار، ئۆزىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان تۈرك دۇنياسىنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىدا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

954968
ئەزىز سانجار: ئۆزۈمنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەكىلىدەكلا ھېس قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىستان شەھىرىگە بارغان سانجار، ئۇ يەردىكى خوجا ئەھمەد يەسەۋى مەقبەرەسىنى، خوجا ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا تۈرك – قازاق ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھال –ئەھۋاللاشتى.

ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا تۈرك – قازاق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئەزىز سانجارغا پەخرىي پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى. سانجار ئۇ يەردە سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەكىلىدەك ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ۋە ھۆرمەتكە لايىق بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى) ئاتاتۈرك ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلار سايىسىدا نۆۋەتتىكى ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن سانجار، «تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان چاغلاردىمۇ تۈرك دۇنياسى مېنىڭ قەلبىمدە ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تۈرك دۇنياسى ماڭا نىسبەتەن بىر كۈچ مەنبەسى، ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىمدا ئالاھىدە رولى بار» دېدى.

سانجار، بۇرۇنلاردا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىلىمنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، بۇنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، قەدىمكى چاغلاردىن باشلانغان ئىلىمگە تۈرك دۇنياسىنىڭ 500 يىل باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى، ئارقىدىن پەرقلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىلىمدە تۇرغۇنلۇق باش كۆتۈرۈپ، مەشئەلنى غەربنىڭ قولىغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نوبېل مۇكاپاتى ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. لېكىن، بىر يەرگىچە بىر مىللەتنىڭ، بىر ئورگاننىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئۇتۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېدى.

بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 45 يىل بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان سانجار، ياشلارنى ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.

ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا تۈرك – قازاق ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مۇسا يىلدىزمۇ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالىمى سانجارنىڭ قازاقىستانغا بارغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئەزىز سانجارنىڭ 20 – ئاپرېلدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلىدىغان «ئىلىم – پەن ۋە مىللىي تەرەققىيات» ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر