ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلىق چېگرا رايون مەسىلىسى مۇزاكىرە قىىلىندى

ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن چېگرا سېزىقى بەلگىلەش ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغان ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تالاش – تارتىشلىق رايونلارغا ئالاقىدار مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

950237
ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلىق چېگرا رايون مەسىلىسى مۇزاكىرە قىىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان 1991يىلى مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلغان بۇيان پۈتۈشەلمەي كېلىۋاتقان 217 كېلومېتىرلىق چېگرا رايون ئۈچۈن قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نامانگان شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىنماي كېلىۋاتقان چېگرا رايونلارغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى يىلى ئىمزالانغان ئورتاق چېگرا كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان تالاش - تارتىشلىق رايونلاردا چېگرا سىزىقىنى بەلگىلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئالدىنقى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۆزبېكىستان قىرغىزىستان چېگرا سىزىقى بەلگىلەش ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىلىرى نەتىجىسىدە، پىكىر بىردەكلىكى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 5 - سىنتەبىردە ئىمزالانغان ئورتاق چېگرا كېلىشىمى ھەر ئىككى تەرەپ ماقولغا كەلگەن 170 كېلومېتىرلىق چېگرا سىزىقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قالغان تالاش تارتىشلىق 36 رايوننىڭ، يەنى 217 كېلومىىرلىق چېگرا سېزىقىنىڭمۇ بەلىگلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر