يىلدىرىم ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم نىزامى گەنئەۋى خەلقئارا مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلىدىغان 6 – نۆۋەتلىك يەر شارى خاراكتېرلىك باكۇ مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

930027
يىلدىرىم ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەر ساھەدە ۋە خەلقئارالىق ھەر بىر مۇنبەردە بىر – بىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئۇچرىشىشتا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاراباغ مەسىلىسىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، باكۇ – تىفلىس – قارىس تۆمۈر يولى لىنىيەسى ۋە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق لايىھەلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشىدا، رايونلۇق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنى باكۇدا كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، قېرىنداش ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھەدە داۋاملىق زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىغانلىقىنى ھەم بىر – بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر