قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستاندا بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

923031
قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىنى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

قىرغىزىستاندا ئادالەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، پىرېزىدېنت سورۇنباي كېنبېكوۋنىڭ سوت ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قوللاش مەقسىتىدە يىغىلىش قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىشچىلار يەنە چىرىكلىككە چېتىلىپ سىياسىي ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سوتچىلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىغىلىش سوت تارماقلىرىدا ساقىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قەيت قىلىنغان بىر دوكلات پارلامېنتقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.  

پىرېزىدېنت كېنبېكوۋ بىر ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىد ا سوت ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، چىرىكلىككە ئېغىر زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر