ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 9 چېگرا ئېغىزى بىراقلا ئېچىلدى

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 9 چېگرا ئېچىلىپ بىراقلا پائالىيەت باشلىدى.

921693
ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 9 چېگرا ئېغىزى بىراقلا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جارتەپا، قۇشكەنت، ئۇچتۇگان، خاۋاستائاباد، بەقاباد، پاپ، راۋات ۋە گۈلباھار قۇرۇغلۇق يولى چېگرا ئېغىزلىرى ھەمدە ئامۇزاڭ تۆمۈر يولى چېگرا ئېغىزى ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن ئېچىلدى.

مۇراسىمغا ھەر ئىككى دۆلەتتىن نۇرغۇن ساندا پۇقرالار قاتناشتى.

ئامۇزاڭ تۆمۈر يولى چېگرا ئېغىزىدىن تۇنجى پويىز قاتنىشى 7مارتتىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغان بولدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن قوشنىدارچىلىق شۇنداقلا قېرىنداشلىق مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مەستەھكەملىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئالدىنقى يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلان قاتناشلىرى قايتىدىن باشلانغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى 16 چېگرا ئېغىزى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يېڭى ئېچىلغان 9 چېگرا ئېغىزى بىلەن چېگرا ئېغىزى سانى 25 كە ئۆرلىدى.

تاجىكىستان قۇرماقچى بولغان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئازبېكىستاننىڭ قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك يۈز بەرگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن 2005يىلىدىن 2008يىلىغىچە بەزى چېگرا ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر