«تۈركىيە خەلقى بىلەن شىمالىي قىبرىس خەلقى قېرىنداشتۇر»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئۆزدىل نامى تۈركىيە خەلقى بىلەن شىمالىي قىبرىس خەلقىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

916809
«تۈركىيە خەلقى بىلەن شىمالىي قىبرىس خەلقى قېرىنداشتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامى ئىستانبۇل سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار ھەيئىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەڭگۈ ئايرىللالماس ئىككى قېرىنداشقا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە خەلقى شىمالىي قىبرىس خەلقى قېرىنداشدۇر.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھايات – ماماتلىق  كۈرەشلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان نامى، بۇ  كۈرەشلەرنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان پەنجىرىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن نامى، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىرىنىڭ تۈركىيەدىكى سودا - سانائەتچىلەر بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى كارخانىچىلارنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قىبرىس مەسىلىسىگە چارە تېرپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان نامى، رىقابەت ئىچىدە بولۇۋاتقان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شىمالىي قىبرىس بازارلىرى ۋە سودا – سانائەتچىلىرىنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر