شىمالىي قىبرىس رىم تەرەپنى ئاگاھلاندۇردى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرىپىنى ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قىبرىس رىم تەرەپنىڭ ئاقدېڭىزدىكى بىر تەرەپلىمە تەبىئىي گاز ئىزدەش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ خىل بىر تەرەپلىمە قەدەم تاشلاش داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ھەقلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە قارشى قەدەملەرنى تاشلاشتىن چېكىنمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا يەنە، قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلار ئۈستىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ، ئۇنىڭ سۈركىلىشنى ئۇلغايتىشتا چىڭ تۇرۇش نىيىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.