ئۆزبېكىستان 7 دۆلەت پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۆزبېكىستان تۈركىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بولۇپ جەمئىي 7 دۆلەت پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

903876
ئۆزبېكىستان 7 دۆلەت پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تۈركىيە بولۇپ جەمئىي 7 دۆلەت پۇقرالىرىغا 30 كۈنلۈك ۋىزىسىز بەلگىلىمە يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئۆزبېكىستاننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش»قا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىدە 10-فېۋرالدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي كورېيە، مالايشىيا، سىنگاپۇر، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا 30 كۈن ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلاردىكى خادىملارنىڭمۇ بۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن قارارنامىدە، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندا «ئېلېكترونلۇق ۋىزا»يولغا قويۇلىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان قارارنامە نەتىجىسىدە تۈركىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسارىيە، چېخ، لىتۋانىيە، مالايشىيا، ياپونىيە ۋە تايلاند پۇقرالىرىغا ۋىزا ئاسانلاشتۇرۇلغانىدى.

قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئۆزبېكىستان ۋىزىسى 3 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بېرىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر