كانادادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

كانادا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك كانادا جەمئىيىتىگە خىزمەت يۇقىرى خىزمەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات «كانادا شەرەپ مېدالى» غا ئېرىشتى.

897578
كانادادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا شەرەپ مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان تۇنجى تۈرك دوختۇر ئەھمەت فۇئاد شاھىن مۇكاپاتىنى باش ۋالىي جۇلى پايېتتىدىن تاپشۇرۇۋالدى. ئوتتاۋادىكى ۋالىيلىق بىانسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئەھمەت فۇئاد شاھىندىن باشقا 47 كىشىمۇ شەرەپ مېدالىغا ئېرىشتى.

95 ياشقا كىرگەن ۋە كانادا پۇقراسى بولغان تۈرك دوختۇر ئەھمەت فۇئاد شاھىنغا، كانادادىكى مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «كانادا شەرەپ مېدالى» بېرىش قارار قىلىنغان ئىدى.

ئەھمەت فۇئاد شاھىن 1958-يىلى كانادادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلىغاندىن باشقا، مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقارغان.

ئەھمەت فۇئاد شاھىن بۇ ھەقتە توختالغاندا، 60 يىلدىن بۇيان قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ كانادانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ياشلارغا كۆپ تىرىشىشنى تەۋسىيە قىلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىسى سەلچۇك ئۈنال ئەھمەت فۇئاد شاھىن ۋە ئائىلىسىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەھمەت فۇئاد شاھىن: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ماڭا تېلېفون قىلدى. ئۇ چاغدا چاۋۇشئوغلۇ ۋانكوۋېردا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىدىن چەكسىز خۇش بولدۇم، تۈركىيە بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز، ۋەتىنىمىزنى ھەر دائىم چىن قەلبىمدىن ئەسلەيمەن» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر