ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەدياروۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېدۋارد نالبانديان پولشانىڭ كراكوۋ شەھىرىدە «تاغلىق قاراباغ» مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

892338
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرىمۇ قاتناشقان سۆھبەتتە، «تاغلىق قاراباغ» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تەخمىنەن 6 سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەدياروۋ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرىنىڭ مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە فېۋرالنىڭ باشلىرىدا رايوندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ پات – پات ئۆتكۈزۈلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر