قىشلىق ھاۋا ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ئېلىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق ياغقان قار سەۋەبىدىن 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ قار تازىلاشقا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

877638
قىشلىق ھاۋا ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ئېلىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىر قانچە ئىشتاتى قار ۋە قاتتىق سوغۇقنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى.

مىننىسوتا ئىشتاتىدا ھاۋا تىمپېراتۇراسى 0 دىن تۆۋەن 37 گىرادۇسقا چۈشتى. پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق ئېرىي شەھەر خەلقى ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشتات تارىخىدىكى ئەڭ شىددەتلىك شىۋىرغانغا دۇچ كەلدى. شەھەردە قار قېلىنلىقى 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتتى.

بوستون شەھىرى ۋە نىيۇ يورك شەھىرىدىمۇ قار كۆپ ياغدى.

كانادانىڭ بەزى شەھەرلىرىدە ھاۋا تىمپېراتۇراسى 0 دىن تۆۋەن 43 گىرادۇسقا چۈشتى.

ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا قار ۋە شىۋىرغاننىڭ تەسىرىدە 73 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلەنىڭ ئېلېكتىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. تاشيول ۋە ھاۋا قاتنىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قاتتىق قار ياغدى. رايوندا 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ۋە مىڭ دانە ھەر خىل ئاپتوموبىل قار تازىلاشقا سەپەرۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر