دائېش تۈركمەن شەھىرى كەركۈكتە بومبا پارتلاتتى

كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.

876611
دائېش تۈركمەن شەھىرى كەركۈكتە بومبا پارتلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، 2 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.

كەركۈك ھەرىكىتى قوماندانى گېنېرال ئەلى فازىل ئۇمران باياناتىدا، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى ھەيدا يېزىسى ئەتراپىدا دائېش تېررورچىلىرى تەرىپىدىن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، بىر ھەربىي ئوفىتسېر ۋە بىر ھەربىي خادىمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ئەلى فازىل ئۇمران: «پارتلاشنىڭ ئارقىدىنلا دائېش تېررورچىلىرى بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يەنە 2 ئەسكىرىمىز يارىدار بولدى، تېررورچىلار تاغلىق رايونغا قېچىپ كەتتى» دېدى.

ئەلى فازىل ئۇمران ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر