تىكا قىرغىزىستاندىكى بىر يېتىم-يىسىرلار مەركىزىگە ياردەم قىلدى

تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) قىرغىزىستاندىكى بىر يېتىم-يىسىرلار مەركىزىگە ئويۇنچۇق، بالىلار باغچىسى ۋە ئاشخانا ئەسلىھەلىرى ۋە ئۆي جابدۇقلىرى ياردەم قىلدى.

875727
تىكا قىرغىزىستاندىكى بىر يېتىم-يىسىرلار مەركىزىگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكا قىرغىزىستاندىكى يېتىم-يىسىرلار مەركىزىگە ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئوش شەھىرىدىكى قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قارايدىغان بىر يېتىم-يىسىرلار مەركىزىدە 0 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلار بېقىلىدىغان بولۇپ، تىكا مەركەزنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياردەم قولىنى سۇنغان. تىكانىڭ بىشكەكتىكى پىروگرامما كوردىناتورى ئەلى مۇسلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئويۇنچۇقلار، بالىلار باغچىسى ۋە ئاشخانا ئەسلىھەلىرى، ئۆي جابدۇقلىرىنى مەركەزنىڭ مەسئۇللىرىغا تاپشۇرغان.

يېتىم-يىسىرلار مەركىزىنىڭ مەسئۇلى روزا سادىروۋا: «تىكا بىزگە تەلەپ قىلىنغان ياردەملەرنى قىلدى. بۇ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش. بۇ ياردەملەرگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىدۇق، تىكادىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ياردەم ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تىكا بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ مەركەزگە ياردەم قىلغان بولۇپ، بىر بوۋاقنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى تۆلەپ بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر