ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەرمېنىيەنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلەپ بايانات بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

871093
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ  رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرمېنىيەنىڭ ئارمىيەسىنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى ۋە تۈركىيەگە قاراتقان ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىگە خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ھاجىېيۋ، مۇخبىرلارنىڭ ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىە ئارىسىدا 2009-يىلى 10-ئۆكتەبىردا زۇرىخ شەھىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ كېچىپ ئىمزالىنىشىنىدا تۈركىيەنىڭ خاتالىقى بارلىقى توغرۇلۇق بايانات بېرىشى توغرۇلۇق سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

باياناتچى ھاجىيېۋ رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئەرمېنىيەنىڭ ئارمىيەسىنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى ۋە تۈركىيەگە قارىتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرگە خاتىمە بېرىشى لازىم. ئەرىۋان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا قانچىلىك بالدۇر تۇتۇش قىلسا، ئەرمەنى خەلقىمۇ قوشىنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شۇنچە بۇرۇن ياخشىلايدۇ ۋە رايون خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.»

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ يىل 16-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان توغرۇلۇق ئاساسسىز قاراش ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ھاجىېيۋ، بۇ باياناتنىڭ ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش نىيىتى ۋە كۈچىنىڭ يوقلىقىنى، شۇنداقلا قالاق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى»ئېيتتى.

ئەرمېنىيەنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتماي «قۇدرەتلىك ئەرمېنىيە» قۇرۇش خىيالىغا غەرق بولۇپ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن زېمىن تالاش-تارتىشى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇرۇش قوزغاپ ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ %20نى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ھاجىېيۋ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە ئاساسىي قانۇنىدا تۈركىيەدىن زېمىن تەلەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بار، ئەرمېنىيە يەنە ئىران ۋە گىرۇزىيەدىنمۇ زېمىن تەلەپ قىلىدۇ.»

ھاجىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن رايوندا يېتىم قالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئەرمېنىيە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئەرىۋان ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنى دۈشمەن چاغلاپ ئەرمەنى خەلقىنى ئالداپ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.»

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 16-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە زۇرىخ كېلىشىمىنى كېچىپ ئىمزالاش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن باشقا، ئەرمەنىلەرنىڭ ئاتالمىش 1915 يىل ۋەقەلىرى توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن قاراشلىرى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر