تاجىكىستان باش مىنىستىرى قوھىر رەسۇلزادە بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىلا ساھەدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

867201
تاجىكىستان باش مىنىستىرى قوھىر رەسۇلزادە بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن تاجىكىستان باش مىنىستىرى قوھىر روسۇلزادە بىلەن دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. 

ئۇچرىشىشتا قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەقۇلئاددە يىغىنى ھەمدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بىنالى يىلدىرىم بۇ دائىرىدە تاجىكىستاننىڭ 15 - ئىيۇلدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت  ئېيتتى. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىلا ساھەدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزئارا سودا نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى تەكىتلەندى. 

ئۇچرىشىشتا يەنە، تاجىكىستان باش مىنىستىرى قوھىر رەسۇلزادە قۇددۇس مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئالغان قارارىنىڭ ئىنتايىن جايىدا قارار بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى مەسلىسىدە تۈركىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن رەسۇلزادە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەر قانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر