قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى ئەنقەرەدىمۇ تەبرىكلەندى
ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق قازاقىستان ئەلچىخانىسىدا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھاكان چاۋۇشئوغلۇ قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
ھاكان چاۋۇشئوغلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ي د غا قارشى كۈرەشتە، قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «زىچ ھەمكارلىق ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قېرىنداشلىقىمىز رامكىسىدا باشلىغان كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە كۈرىشىمىزدە، ئىتتىپاقلاشقان ھالدا غەلىبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا چىن يۈرىكىمدىن ئىشىنىمەن» دېدى.
ئەنقەرەدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭمۇ دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى. بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر رەجەپ ئاقتاغ بىلەن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار قاتناشتى.