«ئاسىيانىڭ قەلبى – ئىستانبۇل مۇساپىسى» يىغىنى باشلاندى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 7 – نۆۋەتلىك «ئاسىيانىڭ قەلبى – ئىستانبۇل مۇساپىسى» يىغىنى باشلاندى.

859406
«ئاسىيانىڭ قەلبى – ئىستانبۇل مۇساپىسى» يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غانى ئىشتىراك قىلدى.

ئەلىيېۋ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «ئاسىيانىڭ قەلبى – ئىستانبۇل مۇساپىسى» نى ئافغانىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشىدىغان بىر مۇساپە دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ھەم قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، رايونلۇق بىخەتەرلىكنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە قوغداشنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. نۆۋەتتە ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەزەربەيجان بۇ ھەقتە يەكۈنلىگەن تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئافغانىستان بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييار بولۇپ، قوراللىق قىسىملىرىمىز تەلىم – تەربىيەلەر ئارقىلىق ئافغانىستانغا ياردەم بەرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايونلۇق مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دائىرىسىدىمۇ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىۋاتىمىز، بۇ مەقسەتتە قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەلىرىمىز ئافغانىستان ماللىرىنى ياۋروپاغا يۆتكەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئافغانىستاننى رايونلۇق سودا ۋە قاتناش ەسىلىسىدە ئەڭ مۇھىم مەركەز دەپ قارايمىز. ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز.»

ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان توقۇنۇشى ۋە تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «زېمىنىمىزنىڭ % 20 تىنىڭ ئىشغال ئاستىدا بولۇشى ۋە 1 مىليون قېرىندىشىمىزنىڭ كۆچمەن بولۇپ قېلىشى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. ئەرمېنىيە ئەزەربەيجانلىقلارغا قارشى ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.»

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى غانى ئافغانىستانغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا ۋە ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە «ئاسىيانىڭ قەلبى – ئىستانبۇل مۇساپىسى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەردوغانغا ۋە تۈركىيەگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانغا بېرىۋاتقان ياردەملىرى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىدىن رەببانى، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەدياروۋ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوجا مۇھەممەد ئاسىف، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موباشار ئەكبەر قاتناشقان يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر