ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تۈرك مەسلىھەتچى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن ئورھان سىۋرىكايا ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچى بولدى.

844359
ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تۈرك مەسلىھەتچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ سابىق دىرېكتورلىرىدىن سىۋرىكايا ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىكى ھەيئەتنىڭ ئۆكتەبىردىكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسى سىۋرىكاياغا تەكلىپ سۇنغان ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە سىۋرىكايا تەكلىپنى قوبۇل قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىدە ئىشلەشكە باشلىغان سىۋرىكايا، شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىركەتنىڭ ئايروپىلان سېتىش، پىلانلاش، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق  ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر