قازاقىستاندا يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىدە گېزىت چىقىرىلدى

كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە بەل باغلىغان قازاقىستاندا لاتىن ئېلىپبەسىدە گېزىت چىقىرىلدى.

840180
قازاقىستاندا يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىدە گېزىت چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازئىنفورم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوستاناي ئۆلكىسىدىكى ئاركالىك خابارى گېزىتى بىرىنچى بېتىنى لاتىن ئېلىپبەسىدە چىقارغان بولۇپ، گېزىتنىڭ باش تەھرىرى قايرات ئەسماگامبېتوف، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتە لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ دائىرىدە، سىناق قىلىپ كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە، گېزىتنىڭ بىرىنچى سەھىپىسىنى لاتىن ئېلىپبەسىدە چىقىرىشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ئەسماگامبېتوف، لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنىڭ باشتا كۆرۈنگەندەك ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قازاقىستاندا 2018 – يىلىدىن باشلاپ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ 32 ھەرپلىك يېڭى قازاق ئېلىپبەسى بويىچە بېسىلىشى ۋە 2025 – يىلىغىچە پۈتكۈل كىتاب، قەرەللىك نەشرىي ئەفكارلار ۋە رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىدە بېسىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر